ulnix - Blogbus Blog of Ulnix
http://ulnix.blogbus.com
  بلوگ تەۋسىيىسى : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى مەرىپەت بلوگى جىك تور خاتىرسى تەدبىركار بلوگى تارىم بلوگى دۇنيا قارا بلوگى
ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى بلوگ قوشۇش نىزامنامىسى


        ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسىنىڭ بلوگ قوشۇش نىزامنامىسى تۆۋەندىكىچە :
1. مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئاقىدار نىزاملارغا زىت بولغان بولغان ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرنى ئالغان ھەرقانداق ئەسەر يوللانغان بلوگ ئۇلىنىش بلوگىغا قوشۇلمايدۇ .
2.ھەرقايسى بلوگگىرلارنى سىياسىيغا  ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ، زىمىن پۈتۈنلىكى ، ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ، مىللەتلەر بىخەتەرلىكى ۋە ئاۋامنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا ئىېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇن بايقالغان بلوگ قوشۇلمايدۇ ، ئەگەر ئىلگىرى قوشۇلۇپ بولغان بولسا ، شۇنداق ئەھۋال بايقالغان ھامان ئۆچۈرلۈپ تاشلىنىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق سىياسىي ۋە ئقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۇلىنىش بلوگى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
3.ئۇلىنىش بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىشا بولىدىغان بلوگلار تۆۋەندىكىدەك شەرىتنى ھازىرلىشى كېرەك : - بىرىنچى ، ئالدى بىلەن كۆرنۈش ، ئۇسلۇپ جەھەتتىن كۆركەم بولىشى ، پاكىزە ، ئازادە بولىشى كېرەك . چۈنكى بلوگ زىيارەت قىلغانلارغا ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئازادىلىكى ، كۆركەملىكى چىلىقىدۇ . ئىككىنچى ، بلوگىڭىزغا يوللىغان يازمىلار ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى بولىشى كېرەك ، ئەگەر خەۋەرلەر بولسا ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئڭلىنىش مەنزىلى ئەسكەرتىلىشى زۈزۈر . ئەگەر باشقىلارنىڭ ئەسىرى بولسا ، ئالدى بىلەن ئەسلى ئىلان قىلىنغان توربەت ، مۇنبەر ياكى بلوگ نامى ، ئاندىن ئاپتۇرىنى سەمىمىليك بىلەن ئەسكەرتىشىڭىز كېرەك . ئەگەر مۇشۇنداق كۆچۈمىكەشلىك ھادىسىسى كۆپرەك سادىر بولغان بلوگلار بايقالسا ، ئاۋۋال بلوگ بىلگگىرىغا مەلۇم قىلىپ ، بلوگى ئۇلىنىش بلوگىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ .
4.ئۇلىنىش بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قوشۇلماقچى بولغان بلوگتا ھەقلىق ئىلان بولسا بولىدۇ . ئەگەر بلوگگىر ئىلان قويسىمۇ ياكى قويمىسىمۇ بولىدۇ . ئەمما ھىلى قويۇپ ، ھىلى قويماي ئۆزىنىڭ بلوگىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك .
5.ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويۇلماقچى بولغان بلوگ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسىنى بلوگىنىڭ كۆزگە چىلىقىدىغان يېرىگە ئۇلىنىش قىلىپ قويىشى ، ئورنىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە يۆتكىمەسلىكى كېرەك . ئەگەر بلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلىمىغان ياكى ئۇلىنىش قىلىشنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ قالغان بلوگگىرلار بولسا ۋاقتىدا ئۇلىنىش قىلىپ قويسا بولىدۇ .
6.بلوگىمىزنىڭ مەخسىتى قانداقتۇر باشقا بلوگگىرلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئەمەس ، بەلكى ئۇزاق مۇددەت بلوگ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش . قانۇنىيەت بويىچە ، بىزدە بلوگ قۇرلىشىدىن ئىبارەت بىر ئىقتىسادىي بازىس شەكىللەنگەن ئىكەن ،شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇستىقۇرۇلمىمىۇ بارلىققا كلېشى كېرەك . شۇڭا بۇ نىزامنامىنى ھەربىر بلوگگىر سوغۇققانلىق بىلەن ئوقىشى ۋە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ ئاۋاز قوشىشى زۈرۈردۇر .

ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى - http://ulnix.blogbus.com